ئەگەر بىرەر نەرسىگە قىزىقسىڭىز ياكى مەسىلىگە يولۇقسىڭىز ئەتراپتىكىلەردىن ئاسانلا ياردەم سورىيالايسىز. Linux Mint ئەڭ ئالقىشلىق ئۈستەلئۈستى Linux تارقىتىلمىسىنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇنى مىليونلىغان كىشى ئىشلىتىدۇ. ئۇنىڭ ئىشلەتكۈچى قوللانمىسى ۋە جامائەت تور بېكىتى بار، ئۇنىڭدا دەرسلىك، ئاكتىپ مۇنبەر ۋە چايخانا توپلانغان بولۇپ، ئىنتېرنېتتىكى ئەڭ ھەرىكەتچان جامائەتنىڭ بىرىدۇر.